Uygur Tilidiki Bezi Sözlerning İjtimaiy Tilshunasliq Nuqtisidin Tehlili


Kaşgarlı R.

Devr ve Biz -- İstanbul'da 20 Leksiye-2023, Muhammed İbrahim, Editör, Teklimakan Uygur Neşriyatı, İstanbul, ss.491-506, 2023

  • Yayın Türü: Kitapta Bölüm / Araştırma Kitabı
  • Basım Tarihi: 2023
  • Yayınevi: Teklimakan Uygur Neşriyatı
  • Basıldığı Şehir: İstanbul
  • Sayfa Sayıları: ss.491-506
  • Editörler: Muhammed İbrahim, Editör
  • İstanbul Üniversitesi Adresli: Evet

Özet

ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق — تىلشۇناسلىق بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىرلىشىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان پەنلەر ئارا بىر پەن بولۇپ، تىلشۇناسلىق دائىرىسىدە تۇرۇپ، تىل بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ جەمئىيەتسۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، جۇغراپىيە ۋە تارىخشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا، تىلنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارى ۋە تىل قۇرۇلمىسىنىڭ ئىجتىمائىي شارائىت جەريانىدىكى ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى كۆزىتىدۇ. ئىجتىمائى تىلشۇناسلىق، بىر جەھەتتىن تىل بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئۆزارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلسا يەنە بىر جەھەتتىن تىل بىلەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ئورتاق ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تىلدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. تىلنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولسا، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ ۋە تىلنىڭ ئۆزگىرىشى، جەمئىيەتنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىشىگە ئاساس سالىدۇ.

ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق، 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا رەسمىي پەن سۈپىتىدە شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بۇ پەن،  يېڭى بىر پەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  تىل بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولغاچقا، ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ئامىللارنى ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن  ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق — مۇھىم بىر پەندۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدەك ئىشغالىيەتتە ياشاۋاتقان بىر خەلقنىڭ تىلىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنغاندا، تىلدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، تىلنى ئاڭلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىشغالچىلار تەرىپىدىن شەكىللەندۈرىلىشىگە قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.

تىلنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئەدەبىي تىلنىڭ فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گىرامماتىكىلىق، سىنتاكسىسلىق ئۆزگىرىشلىرى بىلەن يېزىق، ئىملا ۋە جانلىق تىلدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ ماقالىدا پەقەتلا لېكسىكىلىق مەنەدىكى ئۆزگىرىش بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «مەن» ۋە «بىز»، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»، «خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش»،  «ئاكا» ۋە «ئۇكا»، «راست گەپنى قىلسام»، «شىنجاڭ» قاتارلىق بىر قانچە ئىبارىنى، تاللاپ تەكشۈرۈش، سانلىق پاكىتلارغا ئاساسلىنىش ۋە ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىمىز. مەقسەد — ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق تىل قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش ئوتتۇرىسىدىكى سىستېمىلىق ماسلىق مۇناسىۋىتىنى شەرھلەش، شۇنىڭدەك بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپكە بولغان سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تىلنى ئاڭلىق قوللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.  مەزكۇر ماقالە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئۈچۈن ئىلىم ئالىمىدە قېلىپلاشقان ئا پ ئا يېزىش ئۇسۇلىدا يېزىلدى.